ھايات ۋە پۇرسەت

باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ناھايتى چوڭ پۇرسەتلەر بولىدۇ، مەسلەن مەلۇم خەلقئارالىق گۇرۇھنىڭ لىدىرى دېگەندەك. بىراق سىز ئۇنى ھېس قىلالماي ئادەتتىكى ئادەم بولۇشنى تاللىسىڭىز سىزنىڭ ئىككىنجى بۇ ئورۇنغا چىقىش پۇرسىتىڭىز قالمايدۇ.

ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا سىزنىڭ يەنىلا خېلى چوڭ پۇرسىتىڭىز بولىدۇ. مەسلەن مىلياردنىر بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىڭىز ناھايتى يۇقىرى. بىراق سىز بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز سىزنىڭ كەلگۈسىدە مىلياردنىر بولۇش پۇرسىتىڭىز ناھايتى تۆۋەن.

ئالىي مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى يەنىلا ئادەتتىكى بىر ئادەم دەپ قارىسىڭىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يەنىلا خېلى چوڭ پۇرسەتلەر بار. مەسلەن خەلقئارالىق بىرەر شىركەتتە ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولالىشىڭىز مۇمكىن، ياكى كېچىكرەك بىرەر شىركەتنى ماڭدۇرۇپ كېتەلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق سىز داۋاملىق بۇنىڭغا سەل قاراپ ئۆزىڭىزنى ئادەتتىكى ئادەم چاغلىسىڭىز بۇ پۇرسەتنىمۇ كەتكۈزۈپ قويىسىز.

ئالىي مەكتەپنى ئادەتتىكى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىزمۇ سىزنىڭ يەنە 30 ياشتىن بۇرۇن مىليونىر بولۇش ئېھتىماللىقىڭىز بار. بۇنىڭغا قىزىقمىسىڭىز بۇ پۇرسەتمۇ كېتىپ قالىدۇ.

30 ياشتىن ھالقىغىچە مۇئاشقا تايىنىپ ياشايدىغان كادىرلا بولالىسىڭىز ھەم بۇنىڭغا شۈكرى قىلسىڭىز سىز ئۆمۈرۋايەت شۇنداق كېتىپ قالىسىز، ئۆمرۈمدە بۇنىڭدىن چوڭراق بىر ئىش يۈز بېرەمدىكىن دەپ ئۈمىد كۈتمەڭ.

ھاياتتا ئېرىشىدىغان پۇرسەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كىچىكلەپ ماڭىدۇ.

كاتېگورىيە: ئۇنىۋېرسال | ئىنكاس يازاي

نوكىيا N9 يانفونى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە مەۋھۈم كونۇپكا تاختىسى

نوكىيا N9 يانفونى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە مەۋھۈم كونۇپكا تاختىسى ئىشلىنىپ ovi بازىرىغا يوللىنىپ بولدى، كەلگۈسىدە نوكىيا N9 يانفونى سېتىۋالغانلار ovi بازىرىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ ئىشىلتەلەيدۇ.

http://store.ovi.com/content/161683


كاتېگورىيە: ئۇنىۋېرسال | ئىنكاس يازاي

لىنۇكىس سېستىمىسىنى رايونلارغا ئايرىش ۋە مۇندەرىجە قۇرۇلمىسى

لىنۇكىس رايونلارغا ئايرىش توغىرسىدا بىلگەنلىرىمنى يېزىپ قوياي
لىنۇكىستا ۋىندوۋىسقا ئوخشاش س د دېگەندەك رايونلار بولمايدۇ، ئادەتتە لىنۇكىسنى كومپىيۇتېرغا ئورناتقاندا، مەسلەن ئۇبۇنتۇ بارلىق قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنى تاللاپ ئاپتوماتىك رايونغا ئايرىشنى تاللىساق قاتتىق دېسكىمىز تۆۋەندىكىدەك ئۈچ رايونغا ئايرىلىشى مۇمكىن
boot رايونى، بۇ رايونغا group دېگەندەك قوزغىتىشنى تاللاش پىروگىراممىلىرى قاچىلىندۇ، چوڭلۇقى ئادەتتە 100 مېگابايىت ئەتراپىدا بولىدۇ
swap رايونى، بۇ رايون ئادەتتە لىنۇكىس سېستىمىسى تەرىپىدىن ئىچكى سىغىم يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىچكى سىغىمغا پاتمىغان ھۆججەتلەرنى ۋاقىتلىق قويۇپ قويىدىغان رايون سۈپىتىدە قوللىنىلدۇ، پەقەت سېستىما تەرىپىدىن ئىشىلتىلدۇ، قوللانچىلارغا ئادەتتە كۆرۈنمەيدۇ، چوڭلۇقى ئادەتتە كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى سىغىم چوڭلۇقىنىڭ 1.5 ھەسسىچىلىك بولىدۇ.
root ياكى / رايونى، قالغان بارلىق سېستىما ھۆججەتلەر ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى موشۇ رايونغا قاچىلىندىغان بولۇپ، چوڭلۇقى ئادەتتە يۇقارقى ئىككى رايوندىن ئاشقان بارلىق بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ. بەزى سېستىمىلار ئورنىتىلىش داۋامىدا /home مۇندەرىجىسىنى ئايرىم رايونغا بۆلۈش تاللىشىنى بېرىدۇ، بۇنىڭ رولىنى تۆۋەندە سۆزلەي
لىنۇكىسنىڭ / مۇندەرىجىسىنىڭ ئاستىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بالا مۇندەرىجىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشىلتىلىشى تۆۋەندىكىدەك:
/usr/bin بارلىق سېستىمىغا ئالدىن قاچىلانغان ۋە باشقا سېستىمىغا ئائىت پروگىراممىلارنىڭ ئىجرا ھۆججىتى موشۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا قوللانچىلار يەنە ئۆزى ئورناتماقچى بولغان پروگىراممىلارنى /usr/local/bin مۇندەرىجىسىگە ياكى /home/user/bin مۇندەرىجىسىگە ئورنىتىشنى تاللىسا بولىدۇ
/etc ئادەتتە بارلىق سېستىما ۋە باشقا پروگىراممىلارنىڭ تەڭشەك پارامېتىرلىرى ساقلىندۇ، مەسلەن ئۇبۇنتۇدا /etc/networking/interface ھۆججىتىدە ئادەتتە تور تەڭشەكلىرى ساقلانغان بولىدۇ
/home بۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە ئادەتتە ھەر بىر قوللانچىنىڭ ئىسمى بويىچە قويۇلغان بىردىن ئۆي مۇندەرىجە بولىدۇ، root تىن باشقا، root قوللانچىنىڭ ئۆي مۇندەرىجىسى /root . ئۆي مۇندەرىجە ئادەتتە ۋىندوۋىستىكى c:\users\xxx مۇندەرىجىسىگە ئوخشايدۇ، بۇ جايدا ئادەتتە قوللانچىنىڭ بارلىق نەرسىلىرى ساقلىندۇ، root تىن باشقا بىر بىرىگە تەڭداش قوللانچىلار ئادەتتە بىر بىرىنىڭ ئۆي مۇندەرىجىسىنى زىيارەت قىلالمايدۇ
/mnt ئادەتتە ئاپتوماتىك تونۇلغان بارماق دېسكا، ئوپتىك دېسكا دېگەندەك دېتاللارنى موشۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىن تېپىۋالىمىز
باشقا بىلىش ئانچە تەلەپ قىلىنمايدىغان ۋە ئاسان چېقىلماسلىق كېرەك بولغان مۇندەرىجىلەر
/boot بۇ جايدا سېستىمىغا ئورنىتىلغان لىنۇكىس يادرولىرى ساقلىندۇ، ئەگەر يېڭى يادرونى كومپايىللاپ قاچىلىغان بولسىڭىز ھەرگىزمۇ كونىسىنى ئالدىراپ group تاللىشىدىن ئۆچۈرىۋېتىپ سالماڭ، بولمىسا يېڭى يادرودىن چاتاق چىققاندا كومپىيۇتېرنى قوزغىتالماي قالىسىز
/var بۇ ھۆججەت خالتىسىدا ئادەتتە سېستىما پروگىراممىلىرى ئىجرا بولىۋاتقاندا ھاسىل بولغان ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر، سېستىما تارىخى خاتىرىسى، بۇرۇن چۈشۈرۈپ ئورناتقان deb ھۆججەتلىرى دېگەندەك نەرسىلەر بار
سېستىمىدىن كاشىلا چىققاندا ئاسان قايتا قاچىلاپ بۇرۇنقى ھۆججەتلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلى بەلكىم /home مۇندەرىجىنى ئايرىم قاتتىق دېسكا رايونى قىلىپ بۆلۈپ بارلىق ھۆججەتلەرنى شۇ جايدا ساقلاش، كېيىن قايتا قاچىلىغاندا home مۇندەرىجىنى تاللاپلا قويۇش بولسا كېرەك
بىراق مېنىڭ تەۋسىيە قىلدىغان ئۇسۇلۇم، لىنۇكىستا سېستىمىدىن ھەر قانچە چاتاق چىققان تەغدىردىمۇ لىنۇكىسنى ھېچبولمىسا تېرمىنال ئارقىلىق ياكى قوزغاتقۇچى دېسكا ئارقىلىق بولسىمۇ قوزغاتقىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا خاتىرجەم ئىشىلتىپ كېيىن راستىنلا قايتا قاچىلاشقا توغرا كەلگەندە تېرمىنال ئارقىلىق كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى باشقا دېسكىغا يۆتكىۋېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.

كاتېگورىيە: ئۇنىۋېرسال | ئىنكاس يازاي